خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرالىرىدا "چېگرا مۇداپىئەسى 110 " ناملىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
-
2008-03-30 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئەلىنىڭ چېگرا بويلىرىدىكى تېخى تېلېفون ئالاقە تورى بولمىغان 46 چېگرا ساقچىخانىسى ۋە باشقا ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى جايلاردا يۆتكىلىشچان تېلېفون تورى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.
شىنخۇئانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 - 3 يىل ئىچىدە بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە بارلىق چېگرا لىنىيىلىرى ئالاقە تورى ئىچىگە ئېلىنىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا پونكىتلىرىنى قوغداش ۋە ئۇ جايلاردىكى مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن بەلكى، چېگرا رايونلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مانېۋىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەم ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئىكەنلىكى جاكارلانغان ئىدى.
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 8 دۆلەت بىلەن بولغان چېگرا لىنىيىسى 5600 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي چېگرىلىرىنىڭ 4/1 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ چېگرىلارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاچقا خىتايغا ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان ئىدى.
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە، خىتاينىڭ ئاساسلىقى ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان چېگرا لىنىيىلىرىدىن ئالاھىدە ئەنسىرەپ، بۇ جايلارنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزگەن
- تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە يېڭى ھەربىي قىسىملار ئورۇنلاشتۇرماقتا
- ب د ت باش كاتىپى بان - كىمۇن خىتاينى تىبەتتە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈندىدى
- خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- تىبەت مەركىزى لخاسادىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- بېيجىڭ : ئولىمپىك مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويدى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- نۇر بەكرى، " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى