ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئولىمپىكقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىنى، ئولىمپىكنىڭ ھارپا كۈنىگە قەدەر توختاتمىدى. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، يەنى ۋاشىنگىتون، ئوتتاۋا، سىتوكخولوم ۋە بېرلىن شەھەرلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.07

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشلاردا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى يەنە بىر رەت كەڭ تونۇشتۇردى. بۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش تىبەتلىكلەر، خىتاي دېموكىراتچىلىرى ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگتوندىكى نامايىشتا، بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. نامايىشتا ئاساسلىق نۇتۇقنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزلىدى.

بېيجىڭ ئولىمپىكىنى خىتاي ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشنىڭ پۇرسىتى دەپ تونۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر بولغان تەييارلىق باسقۇچىدا، تەرەققىياتىدىن كۆپ ئاجىزلىقلىرى دۇنياغا ئاشكارىلاندى. نەق ئولىمپىك مەزگىلىنىڭ يەنە قانداق ۋەقەلەرگە سەھنە بولۇشى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.