خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇغا مۇقىملىق ساقلاش نازارەت قىلىش ئۆمىكى ئەۋەتتى
2007.10.03
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاقسۇغا 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش نازارەت قىلىش ئۆمىكى' دەپ ئاتىلىدىغان 9 ئۆمەك ئەۋەتكەن.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن بۇ خىزمەت ئۆمەكلىرى ئاقسۇدىكى بىر شەھەر ۋە 8 ناھىيىدە ھەربىر كۇچا، ئاھالىلار رايونى، بىنا -تۇرالغۇلارغىچە، ھەر بىر كەنت، مەھەللە، ئۆيلەر ۋە مەكتەپلەرگىچە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. ھۆكۈمەت ئۇلاردىن خەۋەر تاپقان ھەر قانداق ئۇچۇرنى يەرلىك پارتكوم سېكرىتارىغا بىۋاستە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇشقا باشلىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىمۇ، سىياسىي كۆز قارىشى ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان زىيالىيلارنى، ھۆكۈمەتكە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن دۆلەت پۇقرالىرىنى تۇتۇش، نەزەربەند قىلىشنى باشلىغان. خىتايدىن كېلىپ چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان زىيالىيلارغا قارىتامۇ، ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلاپ ئۇلارنىڭ نورمال خەت-ئالاقە قىلىشىغا كاشىلا قىلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، 1 - ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشقا دۇچ كېلىدۇ
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجراتتى
- ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- ماناس ناھىيىسىدە ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە بىر ئايلىق سىياسىي ھەرىكەت باشلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىدىيىۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا
- ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.9 بال يەر تەۋرىدى
- ئاقسۇدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچى ئۆلدى
- بايدىكى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن