ئۇيغۇر رايونىدىكى ئايرودۇرۇملاردا پارتلاتقۇچ دورىلارنى بايقاش ئۈسكۈنلىرى كۆپەيتىلگەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىكى ئايرودۇرۇملاردا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى بايقاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتكەن. شىنجاڭ ھاۋا يولى بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى Zhong conglin ، بۇ تەدبىرنى پەقەت ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق پىلانلىرىنى بايقاش ئۈچۈن ئالغانلىقىنى بايان قىلغان.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-07-23 -
-
-
Zhong conglin سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى 13 ئايرودروملارغا پارتلاتقۇچ دورىلارنى بايقىغۇچى ئەسۋاپتىن 42 نى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يېقىندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىر يولۇچىنىڭ چامىدىنىدىن ئوق تېپىلغانلىقىنى، بېشكەككە قاراپ يولغا چىقماقچى بولغان بۇ يولۇچىنىڭ نۆۋەتتە تەكشۇرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئەمما ئۇ يولۇچىنىڭ مىللىتى ۋە ئىسمى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. يەنە ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋەرلەردە، ئاقسۇ ئايرودرومىدا بىر يولۇچىنىڭ يۈك - تاقىسى ئارىسىدىن ئوق چىققانلىقى، يولۇچىنىڭ بولسا خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
بەزى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئايرودۇرۇملاردا، يولۇچىلارنىڭ ئايرودروم ئىشىكىدىن ئايروپىلان ئىشىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەتتە قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خىتاي، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنىڭ ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئايرودروم تۈزۈملىرىدە يېڭى بىخەتەرلىك چارىلىرى يولغا قويۇلغان ئىدى.