خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا ئۈرۈمچىدە جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ 12ئۆلكىسىدىن كەلگەن يازغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ، ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە پىكىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داغدۇغىلىق شۇئارلار بىلەن ھەشەمەتلىك يىغىنلارنى ئېچىپ ، يەپ - ئىچىپ يالغان تەشۋىقات قىلىدىغانلىقىنى ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تارىخچلىرى، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى مەرھۇم تارىخشۇناس، شائىر تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ " ئۇيغۇرلار" " ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى" قاتارلىق ئۈچ كىتابىنى يىغىۋېلىپ، تارقىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش رىئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەدەبىي ئەسەر ياكى تارىخىي ئەسەرلەرنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، گەرچە ھۆكۈمەت شەكىلدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، سىياسىي ھوقۇقى ۋە تارىخىي كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئەقىدە)