ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەربىي مەشق زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمەكچى

مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 24 ‏ - ئاپرىل تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇندىن كېيىن ھەربىي مەشق زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەر يىلنىڭ بەلگىلىك ۋاقتىنى مەخسۇس ھەربىي مەشق ئۈچۈن ئاجرىتىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008-04-24
Share

 شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ چېگرا مۇداپىئە كادىرى يېتىشتۈرۈش ئەترىتى ئالدىنقى ھەپتە رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا، ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشىق خىزمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ۋە چېگرا رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە چوڭ ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەربىي مەشق دەرسلىكى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

ھەربىي مەشقنى زۆرۈر دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىك بىلەن خەلق ئازادلىق ئارمىيە باش شىتابى ۋە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر دەرسلىكتە ھەربىي مەشقتىن باشقا ھەربىي نەزەرىيە ئۆتۈلىدۇ.
 
 ھەربىي ساھە مەيلى نەزەرىيە مەيلى مەشىق جەھەتتىن بولسۇن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار يېقىنلاشتۇرۇلماي كېلىنىۋاتقان بىر ساھەدۇر. شۇڭا بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشق دەرسلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ھەر ئىككى مىللەت ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەربىي مەشق دەرسلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت