ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكىسپورت - ئىمپورت سوممىسى خىتاي بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 20 ‏ - ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ يىل ئالدىنقى 5 ئايلىق ئېكىسپورت - ئىمپورت ئومۇمى سوممىسى 696 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونى تاشقى سودا سوممىسىدا خىتاي بۇيىچە بىرىنچىلىك ئورنىنى داۋاملاشتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24

 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رايوننىڭ بۇ بەش ئايلىق تاشقى سودىسىدا ئاكتىپ بالانىس 544 مىليون دوللار بولغان. يەنى ئېكىسپورت سوممىسى 620 مىليون دوللار، ئىمپورت سوممىسى 76 مىليون دوللار بولغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ بەش ئايلىق تاشقى سودىسىدا، قازاقىستان بىرىنچى، قىرغىزىستان ئىككىنچى ۋە رۇسىيە ئۈچىنچى چوڭ بازار بولغان.

خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى سودىدىكى ئۈستۇنلۈكىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 17 بىرىنچى دەرىجىلىك، 22 ئىككىنچى دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى بەرپا قىلغانلىقىنى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى سودا ئەۋزەللىكى تەبىئىي بىر ئۈستۈنلۇك. ئۇنىڭ 8 دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇشى تاشقى سودىدىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئاساسى. يەنە ئۇيغۇر پاالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بايلىقى ۋە ئۆز چېگرا ئېغىزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلالماسلىقى، قوشنىسى بولغان 8 دۆلەت بىلەن تاشقى سودا ھوقۇقىنىڭ ئۆز ئىلكىدە بولماسلىقى، بۈگۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بەخىتسىزلىكلەرنىڭ غوللۇق سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.