ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە " شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق سىياسىتى" تەنقىدلەندى

ئۇيغۇر ئىلىدىكى تور بەتلىرىدە "شىنجاڭدا مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەن شۇئار تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. ئىلھام بلوگىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە ئۇيغۇر ئىلىغا نىسبەتەن 2008 ‏ - يىلنىڭ ئاساسلىق مىلودىيىسى ھېچكىم ئېنىق چۈشەندۈرەلمەيدىغان " مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ " دېگەن شۇئار بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.22

 ماقالىدە بۇ شۇئارنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك ۋە پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ شۇئار تۈپەيلى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سائەت 8 دە تاقىلىشى كېرەكلىكى، ئىدارە - جەمئىيەتلەر ئادەم چىقىرىپ " ماسلاشتۇرما ساقچى " بولۇپ بېرىۋاتقانلىقى، جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە پۇقرالار ساقچىلارنىڭ " تەكشۈرۈشىگە" ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، بۇ شۇئار يەنە خەلق رازۋىتچىكلىرىنىڭ بىرقانچە كىشى بىر يەرگە يىغىلسا ساقچىغا ئىنكاس قىلىپ، مۇكاپات ئېلىش سەۋەبى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى، بۇ شۇئارنىڭ سەۋەبىدىن ئادەمگە تولغان كوچىلاردا قوراللانغان ساقچىلاردىن باشقا جەڭ ماشىنىلىرىنىڭ گۈمبۈرلىگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى يازغان.

بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش،دەپ ئەركىنلىكنى قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ماقالىدە،" شىنجاڭدىكى ئاشۇ ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئەزەلدىن تەكشۈرۈپ باقمايدىغان، دائىم ' بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچىلەر' دېگەن سۆزنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ئەمەلدارلار بۇ ئىشلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك" دەيدۇ.

ماقالىدە بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان، لېكىن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ "ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جەڭگىۋار ئەمەس"... نامراتلىقنى تۈگىتىشتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە تەشنا، لېكىن ' بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش' دېسە...جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت كەنتىدىكى كەنت باشلىقىمۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىكى تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسلەردەك پىكىر بايان قىلىدىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.