ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 820 مىليون توننىغا يەتتى
2008.02.22
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقان 4 چوڭ نېفىتلىك، تارىم نېفىتلىكى، قارىماي نېفىتلىكى، تۇرپان-قۇمۇل نېفىتلىكى ۋە تارىم دەريا نېفىتلىكىدە يېڭىدىن بايقالغان نېفىت زاپىسى 220 مىليون توننىغا يەتكەن. نەتىجىدە ئۆتكەنكى ئەللىك يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 820 مىليون توننىغا يەتكەن.
تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردار ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدىن مۆلچەرلىگەن خام نېفىت زاپىسى 20 مىليارد 800 مىليون توننا بولۇپ، بۇ جاي خىتاينىڭ نېفىت سانائىتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك بەلۋاغقا ئايلانغان.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە يەنە، خىتاينىڭ شەرقى قىسمىدىكى نېفىتلىكلەردە نېفىت ئېلىش قىيىنلاشقانلىقى ئۇچۇن، خىتاي نېفىت تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىش مىقدارىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان بولغان، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە قېزىش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن بايقالغان خام نېفىت زاپىسى 200 مىليون توننىدىن ئېشىپ خىتايدىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ بايقالغان ئاساسىي رايونغا ئايلانغان.
خىتاي نېفىت تارماقلىرى ھازىر يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپلا قالماي نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش قەدىمىنىمۇ تېزلەتكەن بولۇپ، 2007 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت 26 مىليون توننىدىن ئېشىپ شۇ يىلى پۈتۈن خىتاي بۇيىچە ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمىي نېفىت مىقدارىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى
- خىتاي ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقتا
- غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى رەسمىي ئىش باشلايدىكەن
- تارىم نېفىتلىكىدىن توشۇپ كېتىلگەن تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى 29 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقىنى كەڭ - كۆلەملىك ئېچىش پىلانى مۇھىت ئەھلىنى ساراسىمغا سالماقتا
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى









