خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 3- تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىماقچى


2008-02-11
Share

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 3- تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە 4 مىليارد 250 مىليون مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر 3- لىنىيىگە مەبلەغ سېلىش تۈرىگە 1 مىليارد 75 مىليون يۈەنلىك كۈيتۈن- بەيتۈن تومۇر يول لىنىيىسى، 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلى تومۇر يول لىنىيىسىنىڭ تۇرپان ‏- كورلا تومۇر يول لىنىيىسى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك ئۈرۈمچى غەربىي تومۇر يول ئىستانسىسىدىن جىڭ ناھىيىسىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە كۆپەيتىش قۇرۇلۇشى تۇرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جىڭ ناھىيىسى-غۇلجا شەھىرى - قورغاس تومۇر يول لىنىيىسىدە 2004- يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلايدىكەن.

ئىلگىرى خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە تومۇر يول لىنىيىلىرىنى خوتەنگىچە تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تەڭرىتاغ ئاخبارات تورىدا بۇ تۆمۈر يوللارنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋان قىلىپ ئىقتىسادنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ كۆرسىتىلگەن.

تۆمۈر يولنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتايىن پايدىسىز رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى: " خىتاي ھۆكۈمىتى تۆمۈر يول ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى توشۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى توشۇپ كېتىۋاتقان شارائىتتا، تۆمۈر يول ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ دېيىش بىر ئالدامچىلىق خالاس" دېدى.

ئۇ يەنە، تۆمۈر يولنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت سېلىپ تۇرغان دۆلەت ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت