1 ‏ - ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ

خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1 ‏ - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدا 200 مىڭ نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سالىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.28

   ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق تەدبىرلىرى ئىچىگە، ئۇيغۇر ئېلىگە سىرتتىن كەلگەن مەدىكار، ساياھەتچى ۋە ياكى تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولمىغان بارلىق كىشىلەر تەكشۈرۈلگەندىن سىرت، مېھمانخانا، كىرالىق تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە چەت يېزىلارغا قەدەر تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنىدىكەن.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بولۇپمۇ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خەتەرلىك جايلار دەپ قارالغان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش خىزمىتى ئالاھىدە كۈچەيتىلىپ، تېررورچىلارنى ھىمايىسىگە ئالغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى، تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن جايلاردا ئەتراپتىكى ئاھالىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر ياش 16 خىتاي قوراللىق ساقچى ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەم، 10 ‏ - ئاۋغۇست كۇچا ۋەقەسىدە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىدەك بىر قاتار ۋەقەلەر سادىر بولغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.