مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - نويابىر خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ نىڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالىدىغانلار ھەر ئايدا تەخمىنەن ئۈچ مىڭدىن كۆپىيىۋاتقان ئىكەن.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدىكى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا %74 ناھىيىنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بايقالغان بولۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى تارقىلىش ئەھۋالىدا ئېغىر - يېنىكلىكى بۇيىچە ئالدىنقى بەش قاتارغا كىرگەن ئۆلكىلەر يۈننەن بىرىنچى ئورۇندا، ئۇنىڭدىن كېيىن خېنەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بەشىنچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئىكەن.
ۋاڭ نىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستاتىستىكىلىق سانلاردىن خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ھەمجىنىسلار ھەمدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارالغان كىشىلەردىن باشقا، نورمال ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىشىمۇ بارغانچە كېڭەيمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بۇيىچە ئەيدىز ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جايغا ئايلاندى، مەلۇم بولۇشىچە، 1995- يىلىدىن بۇيان ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا ئىزچىل ئۆرلەش كۆرۈلگەن، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە 14 ئوبلاست، ۋىلايەت ۋە شەھەردىكى 90 ناھىيىگىچە تارالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنىگە 17 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانماقتا. (گۈلچېھرە)