لوپنۇر رايونىدا 70 مىليون توننىلىق كالى زاپىسى بايقالدى


2008-03-03
Share

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي 9 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يەرئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە 800 خىل مىنېرال ماددىلار زاپىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك مىنېرال بايلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان.

ستىلگرۇئۇ خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جەرياندا خىتاي 60 ئورۇندا چوڭ ۋە ئوتتۇرا كۆلەمدىكى مەندەن كانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدىن يېڭىدىن بايقالغان 70 مىليون توننىلىق كالى زاپىسى ئەڭ زور كۆلەمدىكى مىنېرال ماددىلار زاپىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ كالى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىكى ھەل قىلغۇچ بازىغا ئايلىنىپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا 350 مىليون توننا ئەتراپىدا كالى زاپىسى بايقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان كالى زاپىسى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بايقالغان كالى زاپىسىنى 5 دەن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ.

بۇ نۆۋەت بايقالغان بايلىقلار ئىچىدە تىبەتتىن 10 مىليون توننا مىس زاپىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ تىبەتنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىس كانى بەلۋېغىغا ئايلاندۇرغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى يەر ئاستى ‏- يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تالان ‏- تاراج قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىتنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى ھەمدە يەرلىك ئاھالىگە قىلچىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلماقتا. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت