ئۇيغۇر ئېلىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق مېيىپ بار

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسىنىڭ 20 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسا، يېقىندا مەزكۇر نوپۇسنىڭ ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مېيىپلارغا ياردەم بېرىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ، بىر قاتار چارىلارنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مېيىپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ئىستراخۋانىيىسى، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش ھەمدە ئىقتىسادىي ياردەم سوممىلىرىغا ئىگە بولۇش مۈمكىنچىلىكلىرىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نوپۇس تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق 20 مىليون ئادەم ئىچىدە بىر مىليوننىڭ مېيىپ بولۇشى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال بولۇپ، ئەلۋەتتە، يېزا - قىشلاق رايونلىرىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مېيىپلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، تۇرمۇش ياردەم پۇللىرى ۋە باشقا پاراۋانلىقلاردىن يېتەرلىك دەرىجىدە بەھرىمەن بولۇشى ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ قىيىن.