ئۇيغۇر رايونىدا نۇقتىلىق قولغا ئېلىش ئوبيېكتى دەپ قارالغان 124 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.04.24
2008.04.24
ساقچى دائىرىلىرى يىغىندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە بىرىنچى پەسىللىك " ئوغرى - قاراقچىلارغا زەربە بېرىش ۋە قاچقۇنلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى" ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەر 8 ئاي داۋام قىلىشى پىلانلانغان بۇ ھەرىكەتنىڭ غايىسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك ئىناق ۋە مۇقىم جەمىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما قانداق كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق قولغا ئېلىش ئوبيېكتى سانىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلىغان ھاجى مۇھەممەد ۋە ئابدۇراخمان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئىككى تېررورچىلار گۇرۇھىدىن 45 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى، خىتاينىڭ بۈگۈنكى دوكلاتىدا بىلدۈرۈلگەن ھەركەت ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال، نۇقتىلىق تۇتقۇن قىلىش ئوبېكتىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرى ھەرخىل ناملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىش دەپ ھەم بۇنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.









