ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئايرودۇرۇملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلمەكتە
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.28
2008.07.28
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئالاھىدە قوشۇمچە بەلگىلىمىلەر بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان.
يېڭى بەلگىلىمىدە يولۇچىلار بارلىق سۇيۇق بۇيۇملارنى ئايروپىلانغا ئېلىپ كېرىشكە بولمايدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە توشۇش شىركەتلىرىنىڭ توشۇشىغا ھاۋالە قىلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان بولسا “پىچاق، ھاراق ۋە چاقماق قاتارلىق بۇيۇملارنى” ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا ۋە ياكى ھاۋالىلىك توشۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، بۇ يىل 9 - مارت ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ قاراپ يولغا چىققان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان بىر ئۇيغۇر قىزنى بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە قاراپ يولغا چىققان بارلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى.









