ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئايرودۇرۇملاردا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلمەكتە

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى 13 ئايرودرومدا يېقىندىن بۇيان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇچىلار ئىككى قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتىدىكەن.


 خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى بەلگىلىگەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئالاھىدە قوشۇمچە بەلگىلىمىلەر بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان.

يېڭى بەلگىلىمىدە يولۇچىلار بارلىق سۇيۇق بۇيۇملارنى ئايروپىلانغا ئېلىپ كېرىشكە بولمايدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە توشۇش شىركەتلىرىنىڭ توشۇشىغا ھاۋالە قىلىنىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان بولسا “پىچاق، ھاراق ۋە چاقماق قاتارلىق بۇيۇملارنى” ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشقا ۋە ياكى ھاۋالىلىك توشۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، بۇ يىل 9 - مارت ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ قاراپ يولغا چىققان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان بىر ئۇيغۇر قىزنى بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئىلىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە قاراپ يولغا چىققان بارلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org