ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل كېسىلىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە
2008.02.04
خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 2007- يىلى 12- ئايدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئا ۋە ب تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، 12- ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلگەن قىزىل كېسىلى 1149 نەپەر، بۇ كېسەلدە ئۆلگەن ئادەم ئىككى نەپەر بولۇپ، بۇ سان 11- ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1.66 ھەسسە ئۆرلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 2007- يىلى 12- ئايغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان قىزىل كېسىلىنىڭ ئومۇمى سانى 13 مىڭ 334 نەپەرگە، ئۆلگەن ئادەم 20 نەپەرگە يەتكەن.
2007- يىلى 12- ئايدا يۇقۇم ئەھۋالىدا ئۆرلەش بولغان كېسەللىكلەر، قىزىل كۆك يۆتەل ۋە مېنىنگىت بولۇپ، شۇ يىلى 11- ئايدىكىگە قارىغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.66، 2.17 ۋە 2.85 ھەسسە بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىكلەردىن يەنە، تارقىلىشچان بادامسىمان بەز ياللۇغى، يۇقۇملۇق ئىچ ئۆتكۈ قاتارلىقلار بار.
خەۋەردە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىكى مۇناسۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى تارقىلىدىغان پەسىل بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكلەر غۇلجا شەھىرى، تېكەس، كۈنەس ناھىيىلىرىدە قىزىل ۋە كۆك يۆتەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قىزىل ۋە باشقا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى تېخىچە بايقالمىغان بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپاندىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى تىزگىنلەندى
- تۇرپاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتايدا 50 مىليون ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىدە ياشاۋاتىدۇ
- خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 700 مىڭغا يەتتى
- كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى يۈز مىڭ دېھقان ئەيدىزدىن ساقلىنىش ساۋاتى ئالماقچى
- خىتايدا ھەر ئايدا ئۈچ مىڭ ئادەم ئەيدىز يۇقۇمدارىغا ئايلانماقتا
- خاتا دىئاگنوز بىر ئۇيغۇر بوۋاققا قاتىل بولدى
- كەلپىندىكى ئىككى يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارغا قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى تارالدى
- ئۈرۈمچىدە جىددىي ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لېگونىللا ۋىرۇسى بايقالغان
- ئۈرۈمچى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە ئالدىنقى شەھەر بولۇپ قالدى









