خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
2007.12.17
خىتاي ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېچىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قەدىمىنى يەنە كۈچەيتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ئومۇمى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىقدارى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
تەڭرىتاغ تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، 2007- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمىي نېفىت مىقدارى 26 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىن يىلدىكىدىن 5.5 پىرسەنت، تەبىئىي گاز 21 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىن يىلدىكىدىن 9.27 پىرسەنت ئاشقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىنقى بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى نېفىت زاپاسلىرىنى قېزىش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتكەنلىكى ھەمدە "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" ئىشلىرىدىكى مۇقىملىققا ماس ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ "شىددەت بىلەن" ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 2007- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە خىمىيە سائىتى ئورۇندىغان ئومۇمى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى 200 مىليارد 450 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
پەقەت ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسى ياراتقان پايدا ھەققىدە سۆز ئاچقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ بايلىقلاردىن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئازراقمۇ مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇيغۇر ناھىيىلىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان نېفىت زاۋۇتلىرىغا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچىلىققىمۇ كىرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
ئۇ مۇنداق دېدى: "خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گازى ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى ھەر يىلى تېزلەتمەكتە ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتمەكتە. ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار نېفىت سانائىتىدىن پايدىغا ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۆز مەھەللىسىگە قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشىكىگىمۇ يېقىن كېلەلمەيدۇ"
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت پۇرسىتىنىڭ شۇنچە كەڭرى بولۇشىغا قارىماي خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاتالمىش "دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئاڭلىغانلىكى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا