بۇ يىلقى قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ
-
2008-02-26 -
-
-
بۇ يىل كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئىلى، خوتەن، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق كۆپ قىسىم جايلىرى 50 يىل مابەينىدە كۆرۈلمىگەن قاتتىق قار ھەم ئۈششۈك ئاپىتىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۇ جايلارنىڭ كۆپ قىسمىدا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇستىن، نۆلدىن تۆۋەن 28 سېلسىيە گرادۇسقا قەدەر سوغاق ھاۋا،توققۇز كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بولۇپمۇ شىمالى ھەم جەنۇبىدا ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قار ئاپىتى ھەم ئادەتتىن تاشقىرى سوغاق ھاۋا تەسىرىدە بەش مىليون دېھقان، چارۋىچى ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئۇيغۇر ئېلى بۇيىچە يەتتە ئوبلاست ۋە ۋىلايەت ۋە 40 تىن ئارتۇق ناھىيە ئۈششۈككە ئۇچرىغان ئاساسلىق رايون چېگرىسىغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئېغىر زىيان كۆرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەن.
ئۈششۈكنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ، باغۋەنچىلىككە ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى باغۋەنچىلىك رايونلىرىنىڭ %54 ى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ قەشقەردە كەڭ دائىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئۈششۈك بادام مەھسۇلاتىنىڭ بۇ يىل %70 ئازىيىشىنى، ياڭاق، چىلان، ئۈرۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ %20 تىن كۆپرەك ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
باغۋەنچىلىك ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر تۈر بولۇپ، ئەزەلدىن مېۋە - چىۋە ماكانى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر يۇرتىدا بۇ يىل 7مىليون مو مېۋىلىك باغنىڭ ئۈششۈكتە قېلىشى مېۋە - چىۋە مەھسۇلاتىنىڭ زور نىسبەتتە ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. دېھقانچىلىق نازارىتى بۇ يىل باغۋەنچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئومۇمىي زىياننىڭ ئۈچ مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى قىياس قىلماقتا ئىكەن.
قەشقەر ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 24 فېۋرالدىن تارتىپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يەنە قاتتىق قار ياققان بولۇپ، بىر كېچىدە بەزى جايلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 16 سانتىمېتىرغا يەتكەن. شۇنداقلا ئەمدى ئىللىشقا باشلىغان ھاۋا يەنە قايتا تۆۋەنلەپ ئاپەتكە ئايلىنىشقا باشلىغان، بولۇپمۇ يېڭىشەھەر ھەمدە يەكەن ناھىيىلىرىدە بادام ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، ئۈششۈكنىڭ بۇ يىللىق بادام مەھسۇلاتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىكەن.
يەرلىك ئاممىنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا دائىرىلەرنىڭ خەلقنى سوغاق ھەم قار ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئاپەتنىڭ تەسىرىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى، ھەتتا بەزى جايلاردا توڭلاپ ئۆلۈشتەك پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قارا ئاپىتى يۈز بەردى
- "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
- خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن
- بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە گۇما ناھىيىسىدە بىر ئايال بىلەن بىر بالا سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن
- خوتەندە تۇنجى قار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ھېلىھەم داۋاملاشماقتا
- ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ
- نۇر بەكرى چاغان بايرىمى كېلىش بىلەن تەڭ خىتاي ئارمىيىسىنى ۋە تۆھپىكارلارنى ھېيتلاش بىلەن ئالدىراش
- خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى قارا ئاپىتىگە تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- خىتاي ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقتا
- خىتايدا قار ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى