د ئۇ ق قەشقەر شەھىرىدە 1800 كىشىلىك ئامانلىق ساقلاش ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

1 ‏- فېۋرال كۈنى قەشقەر شەھىرىدە 1800 كىشىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش چارلاش ئەترىتى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر ئەترەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغىدىغان قىسىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە، مەزكۇر چارلىغۇچى ئەترەتنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش، كوچا ۋە مۇرەككەپ يول ئېغىزلىرىنىڭ ئامانلىقىنى كونترول قىلىش، ئاقما نوپۇس ۋە ئىجارە بېرىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: " ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرى بۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايلارنىڭ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقىنى جەمئىيەت ئامانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ۋە مىللي ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت ".

ئۇ يەنە، ھازىر قەشقەردە خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى، چېگرا ساقلاش قىسىملىرى، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك قىسىملىرى، بىڭتۇەننىڭ قوراللىق قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت قىسىملىرى قەشقەر خەلقىنى ھەر تەرەپتىن كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا يەنە، پەقەت قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچىنى چارلاشنى مەقسەت قىلغان مۇنداق بىر قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەخلى ‏- تەرۇز قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، بۇ 1800 كىشىلىك چارلاش قىسىملىرىنىڭ پەقەت قەشقەر شەھەر ئىچىنى چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى باشقا ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى شۇ خىل ۋەزىپە بۇيىچە ئۇيغۇرلارنى نازارات ۋە كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان قىسىملارنىڭ سانىنى مۆلچەرلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۈمە)