ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئەرزدارلار باستۇرۇلماقتا
2007.11.13
بوشۇن تورىنىڭ 13 - نويابىر خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا شىكايەت قىلىپ بارغۇچى ئامما كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئەرزدارلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىمۇ كۈچەيگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا 12 - نويابىر كۈنى شىنجاڭ قاتناش ترانسىپورت شىركىتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىلار شىركەت مەمۇرىي بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، دائىرىلەر يېتىپ كېلىپ نامايىشچىلارنى شىركەت قورۇسىدا قورشىۋالغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قورۇسى ئالدىغىمۇ يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئۇدا ئەرزدارلار يىغىلغان بولۇپ، ھەتتا بەزىدە ئەرز قىلغۇچىلار بىر قانچە مىڭغا يەتكەن ئەمما قوراللىق قوغدىغۇچىلار،يىغىلغان ئاممىغا ھەيۋە قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دەردىنى ئاڭلىتىشىغا يول قويمىغان. شۇنداقلا دائىرىلەر شىكايەتچى ئامما ئارىسىغا كۆپ ساندا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنى كىرگۈزۈپ ئاممىنى تارقاشقا قىستىغان، بەزى ئىدارە - ئورگانلار مەخسۇس ئاپتوموبىللارنى ئەۋەتىپ ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ كەتكەن. خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە ، گەرچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قېتىم شىكايەتچى ئاممىنى تارقىتىشتا بىر ئاز يۇمشاق ۋاسىتىلەر قوللانغان بولسىمۇ ، ئىلگىرى داۋاملىق قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.
بۇ يىل ئەتىيازدا ھۆكۈمەتكە شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئاممىنى قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ئەرزدارلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەم ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ بارغۇچىلار ئاساسەن داۋاملىق باھا ئۆسۈش، ۋاقتىدا مائاش ئالالماسلىق، ھۆكۈمەت ھەمدە ئىدارە ئورگانلارنىڭ قالايمىقان سېلىقلىرىغا ئۇچراشقا ئوخشاش مەسىلىلەرگە نارازى بولغان ئامما ھەمدە ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن، يېرى تارتىۋېلىنغان دېھقان ئاممىسى شۇنداقلا داۋاملىق ئېغىرلاۋاتقان تۈرلۈك قانۇن ھەم ئىجتىمائىي سىياسىي ھەقسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگۈچى خەلق ئاممىسى بولۇپ بەزىلىرى ئەرزنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن ھەتتا مەركىزى بېيجىڭغىچە نەچچە يىللاپ ئەرز قىلىپ يۈرگەن ۋە شۇ سەۋەبلىك ئىنتايىن نامراتلاشقان ئاۋام خەلق ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- ئۈرۈمچىدە 18 كىشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
- ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا-ئىقتىسادى بويىچە يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلار غالىپ چىقتى
- ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا ۋىزا بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى
- ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى
- " ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى