خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا
2007.10.02
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بۇ يىللىق قىسمىدا ، يەنى يىل ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ياشنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلى خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 900 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن يۆتكەلگەنلەر سانى 450 مىڭغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە ، خىتاينىڭ بۇ يىل ئاخىرغىچە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئەمگەك كۈچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەر داۋاملىق جىددىي تۈردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى يېزىلاردىكى تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس كەسپىي تېخنىكا مائارىپى بۇيىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ ، خىتايغا يۆتكىلىدىغان زاپاس ئادەم كۈچى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەشتە ئۈلگىلىك ناھىيە 21 گە يەتكەن . بۇ ناھىيىلەر ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ،خوتەن ھەم ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ناھىيىلەر .
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بارغان زاۋۇت - كارخانىلىرىدا ياخشى كىرىم قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بارغان بەزى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىغا قارىغاندا ، خىتاينىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى مەجبۇرىي يوسۇندا يۈزگۈزۈلۈۋاتقاندىن باشقا ، خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەمگەك ھەم ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا
- خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" سىياسىتىنىڭ سىرى
- ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە چاپلانغان بىر خىتايچە ئېلان ئىنتېرنېتكە چىقتى
- 100 مىڭ كىشىلىك پاختا تېرىش قوشۇنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىدى
- ئۈرۈمچىدە ساختا گۇۋاھنامە ياساپ بېيىغان بىر ئاققۇن پاش بولدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشكە بارغان كۆچمەن خىتايلارنى مۇكاپاتلىماقچى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۇچادا قىزلىرىنى قوغدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- سەنشىدىكى قارا خۇمداندا قۇل قىلىنغان ئادىلجان تېخىچە ئۆزىگە تېگىدىغان ئىش ھەققىنى ئالماپتۇ