خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا

2007-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاينىڭ ياش ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىگە ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مارالبېشى ناھىيىسىدە قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 2700 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە بېرىلگەن خىتاي خەۋىرىدە، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى چاقىرغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشچى يېتىشتۈرۈش مەخسۇس كۇرسىدىن 182 قارار ئېچىلغانلىقى، 105 مىڭ ئادەم ‏- قېتىم ياش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى خىتاي تىلىدا تەربىيىلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىش دېگەن چىرايلىق شۇئار ئاستىدا، ئېشىنچى ئەمگەك كۈچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسمىلىياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش بولۇپ، بۇنىڭغا نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى بولغان ئەرلەر نىسبىتى كۆپىيىپ كېتىش كرىزىسىنى تەڭشەشكە ئوخشاش، ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان باستۇرمىچىلىق سىياسىتى يوشۇرۇنغان ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت