بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە تۆت مىڭغا يېقىن ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى
2007.11.05
ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز بىمارى1995- يىلى بايقالغاندىن بۇيان، ھازىرغا كەلگۈچە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا جىددىي ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆلىمى جەھەتتە خىتاي بۇيىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىكەن.
"شىنجاڭ ئاستانە گېزىتى " دە خىتاي دۆلەتلىك ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ستاتىستىكا ئەھۋالىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرى قاتارلىق 14 ئوبلاست، ۋىلايەت ۋە شەھەردىكى 90 ناھىيىگە جايلاشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1995- يىلىدىن بۇيان ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدا ئىزچىل ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2005 - يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى سانى 6000 غا يېتىپ يۇقۇم ئەھۋالى كۈنىگە 17 كىشىدىن توغرا كەلگەن.
ئەمما بۇ يىللىق ئۆرلەش ئەھۋالى ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ ئاستانە گېزىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 9- ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3681 ئادەمگە يېتىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە" ئەيدىز " ساراسىمى
- خاتا دىئاگنوز بىر ئۇيغۇر بوۋاققا قاتىل بولدى
- ئۈرۈمچى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە ئالدىنقى شەھەر بولۇپ قالدى
- ئۇيغۇر ئىلى كەلگۈسى 5 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدىغان مەركەزلىك رايون بولۇپ قالامدۇ ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى يەنە كۆپەيدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى كۈنىگە 17 دىن كۆپەيمەكتە
- بېيجىڭ " ئەيجىشىڭ" ئەيدىز تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇر خەلقى ئەيدىز تېررورلىقىغا دۇچ كەلمەكتە
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزلەر سانى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى
- ئۈرۈمچىدە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 1185 نەپەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچى بايقالدى