سەيبىن ۋېللىت: گۇەنتانامودىكى بىگۇناھ ئادەم
2006.09.29
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئاقلىغۇچى، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىنخام مىكاچېن قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا "بوستون گلوب" گېزىتىدە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىرى ئابدۇناسىر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنى "گۇەنتانامودىكى بىگۇناھ ئادەم" دەپ ئاتىدى.
سەيبىن ۋېللىت، بۇش ھۆكۈمىتىنى ئابدۇناسىرغا ئوخشاش تالىبان، ئەل - قائىدە بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، ئۇرۇش مەيدانىغا بېرىپ باقمىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.
سەيبىن ۋېللىت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇتقۇنلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقارماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى. سەيبىن ۋېللىت، بۇ قانۇندا خالىد شەيخ مۇھەممەتكە ئوخشاش 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قاتىللىرىنى ئادىل سوتلاش ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇناسىرغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىلوسىنى سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈپ چىقىش چەكلىمىگە ئۇچرىغان، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "بۇ كىشىلەر مەڭگۈ سوتلانماسلىقى شۇنداقلا مەڭگۈ ئەيىبلەنمەسلىكى مۇمكىن "دەيدۇ.
سەيبىن ۋېللىت تەنقىدلىگەن بۇ قانۇن لايىھىسى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى. پرېزىدېنت بۇش ئىمزا قويسا، رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئابابەكرى قاسىم "نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" دە گۇانتانامودىكى تۇتقۇنلار ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى گۇانتانامودا قېپقالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئاچىدۇ
- خىتاي ئامېرىكىدىن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى
- كوسوۋالىق ئالبانلار 5 گۈەنتانامولۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئالبانىيىگە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن بىئارام
- ئالبانىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلدى