بىر ئۇيغۇرنىڭ پۇل پرىۋوت قىلىشىغا ئۇنىڭ ئىسمىدىكى بىر چىكىت توسالغۇ بولغان


2008.01.02

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭباۋ گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم فامىلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر چىكىت بولغانلىقى ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۇنىڭ پۇل پرىۋوت قىلىشىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، 'شىنجنباۋ گېزىتى' دە ئىسمائىل ئابدۇرېھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق پۇل پېرىۋوت قىلغاندا بۇنداق رەت قىلىنمىغان. ئەمما يېقىندا پۇل پرىۋوت قىلغاندا، بىر چىكىت توسالغۇ بولغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، گەرچە خىتايلار ئۆزىنى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتكەن مىللەت دەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەتتا بىرمۇ ئۇيغۇرچە سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى خىتاينىڭ نوپۇس دەپتىرىگە يېزىلغاندىن باشلاپ، چوڭ بولغاندا ئالغان كىملىك ياكى پاسپورتقا قەدەر، ئوخشىمىغان خىتاي تەرىپىدىن ئوخشىمىغان خىتايچە خەتلەر بىلەن يېزىلىپ، ھەر خىل ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىپ كېتىدۇ.

بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كىملىكىدىكى ئىسمىغا قاراپ، ئۇ ئىسىمنىڭ تۇغۇلغاندا ئاتا - ئانىسى قويغان ئىسىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر خىتايدا دۇچ كېلىۋاتقان ئىسىم مەسىلىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.