خىتايلار، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا توشۇلغان ئىشلەمچىلەرنى مەدەنىيەتسىز دەپ ھاقارەتلىدى
2007.04.16
يېقىندىن بېرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن نىمكار ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن قىزلار ھەققىدە ھەرخىل كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان سۆز-ئىبارە ۋە جۈملە- بايانلار كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
يېقىندا قەشقەردىكى خىتاي رەھبەرلەر، خىتايدا ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن قىز ئىشلەمچىلەرنىڭ بۇرۇن مەينەت بولۇپ، مۇنچىغا چۈشۈشكە قېيىق بولۇشتەك ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ خىتايغا كەلگەندىن كىيىن ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە توختالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا ئىشلەمچىلىككە توشۇپ كېتىلگەنلەر سېپىگە يەنە بىر تۈركۈم تاجىك قىزلار قوشۇلغان بولۇپ، بۇ قىزلار توغرىسىدىمۇ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھەرخىل كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان سوز بايانلار بېرىلدى.
قەشقەر نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرى تورىدا 16- ئاپرىل بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارلىنىشىچە، ئالدىنقى كۈنى چاڭچۈن كىيىم-كېچەك شىركىتىگە نىمكار ئىشلەش ئۈچۈن تاشقورغان ناھىيىسىدىن 67 نەپەر قىز توشۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاشقورغان ناھىيىسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرگە ئىككىنچى تۈركۈم يولغا سېلىنغان قىزلار ئىكەن. ئالدىنقى نۆۋەت 60 نەپەر تاجىك قىز تىيەنجىندىكى بىر كىيىم تىكىش زاۋۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.
ھازىرغا قەدەر تاشقورغاندىن ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ جەمئىي 127 نەپەر قىز خىتايغا توشۇپ كېتىلدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە، بۇ قىزلارنىڭ تاغىدىن چىقىپ خىتاي شەھەرلىرىگە يۈزلىنىشى، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ۋە تېخىمۇ نۇرغۇن تاجىك خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئاكتىپ يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ دەپ يېزىلغان.
بۇ ھال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلەرنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيلار، خىتايلار پەقەت خىتاي شەھەرلىرىگە بارغاندىلا مەدەنىيەت ئۆگەنگىلى بولىدۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ تۇرغۇچى ھەرقانداق بىر ئېتنىك توپ، قالاق ھەم ئىپتىدائىي دېگەن سەپسەتىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتايلار ئۆزى ئازسانلىق مىللەت دەپ ئاتىۋالغان مىللەتلەرگە بولغان سەلبىي ھەم ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كەمسىتىش تۈسىگە ئىگە سۆز-كەلىمىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېل - خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە، خىتاي مەدىكارلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشماقتا
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'باھار شامىلى' ھەرىكىتى باشلانغان
- ئۇيغۇر ئېلىدە، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەر كۆپەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشسىز تۇرسىمۇ، بۇ يىل ئىچكىرىدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى كېلىپ ئىشلىگەن
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىغا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى
- خىتايدىكى 4 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنىڭ سانى 61 مىڭ 300 گە يەتتى
- بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىڭ 500 گە يېقىن مەمۇرى خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ