ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارغا 30 مىڭغا يېقىن خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن


2007.05.24

ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۈت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتى 2007 ‏- يىللىق پۇقراۋى كارخانىلارغا خادىم تەكلىپ قىلىش ھەپتىلىكىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25 ‏- كۈنىدىن 31 ‏- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پۇقراۋى كارخانىلارغا خادىم تەكلىپ قىلىشتا نېفىت، نېفىت ‏- خىمىيە ، ئۆي ‏- زېمىن، دورا ياساش، سودا ساراي تىجارىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى 1 مىڭ 691 پۇقراۋىي كارخانا، 132 ئىش تۈرى بۇيىچە 28 مىڭ 911 خادىم تەكلىپ قىلىدىكەن.

ئەمما ، خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان ساھەلەر بۇيىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇقۇم بېرىلمىگەن بولۇپ، كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار ئۈچۈن خىتاي بولۇش، خىتاي بولمىغان تەقدىردە خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇش ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكەپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ‏- ئارا ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىدىكى مەقسىدى، ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت دېيىشمەكتە.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.