خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كومپارتىيە سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
2007.04.24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قىلىپ تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ 5 - قارارلىق كۇرسى24 - ئاپرىل كۈنى رەسمىي دەرس باشلىغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى تەربىيەلەش ھەرىكىتى، ئىشەنچىلىك ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش دىنىي زاتلار قوشۇنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم ئەمەلدارى شەۋكەت ئىمىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋەردە": ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۆزىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەتەننى ، دىننى سۆيۈشتەك ياخشى ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، " ئۇچ خل كۈچ" كە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ ۋە دىننىي سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك" دېگەن.
دىننى، كومپارتىيە سىياسىتىگە تەدبىقلاش ئۇقۇمىنىڭ خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە تەشەببۈس قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېچقاچان خەلققە دىنىي ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكىنى، كومپارتىيە سىياسىتى بىلەن دىننى بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇش پرىنسىپىنىڭ ئۆزى دىنىي ئەركىنلىكنى كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىل ئىسپاتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جۈمە نامىزىنىڭ مۇھىملىغى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا بۇ يىل يەنە 420 دىنىي زاتنى "ۋەتەنپەرۋەر " قىلىپ تەربىيىلىمەكچى
- ئاقسۇدا دىنىي زاتلار سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىماقتا
- خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتتى
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- خىتاي دىنغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدا ساقچىلار خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتۇپ كەتتى
- ئامېرىكا: خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق خىلاپلىق قىلماقتا