ئىسمائىل تىلىۋالدى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز ئىستىپا بەردى


2007.12.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى جۈمە كۈنى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن تۇيۇقسىز ئىستىپا بەردى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13 - يىغىنى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرىنى مۇۋەققەت رەئىسلىككە تەيىنلىگەن. لېكىن خەۋەرلەردە ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

نۇر بەكرىنىڭ ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغانلىقى ئۇزۇندىن بېرى كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىكى مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى توشتۇرماي تۇرۇپلا بۇنداق تېز ئىستىپا بېرىشىنى ئويلاپ باقمىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر كېيىنكى مەزگىللەردە ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن پىيىزى پىشماي قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەپ 1 - قارار ۋەزىپە مۇددىتىنى توشقۇزماي تۇرۇپلا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن تۇنجى يەرلىك كادىر.

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان نۇر بەكرى 1961 - يىلى بۆرتالادا تۇغۇلغان بولۇپ، 1983 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئۇ ھازىرقى ئورۇنغا ئۆسكەنگە قەدەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە ئولتۇرغان. نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سىياسى - ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل سېكرىتارى ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر كادىرلار ئىچىدىكى مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، مەكتەپلەردە دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىنى چەكلەش ۋە ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە" قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئەڭ ئەسەبىي كادىرلارنىڭ بىرىدۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.