خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى مىللىي كادىرلارنى مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى مىللىي كادىرلارنى مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىدى. دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىمۇ مىللىي رەھبىرى كادىرلار ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقارغان.

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قەشقەردە خۇددى كارخانىلارنى شەخسىيلەر ھۆددىگە ئالغاندەك، مىللىي كادىرلارنىمۇ مەسچىتلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ نازارەت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

بۇ ھەقتە يېڭىشەھەر ناھىيىسى چۈشۈرگەن ھۆججەتتە ئەگەر مەسچىتلەردە ئاخۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان مەسىلە چىقسا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى مىللىي كادىرلاردىن سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا يەتتە ماددىلىق بەلگىلىمە جاكارلىغان.