ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "2007 ‏- يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى


2007.04.17

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان "2007 ‏- يىللىق باھار شامىلى" ھەرىكىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق ۋە بۇ تۈپەيلى زور تۈركۈمدە خىتايغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئايال ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسى، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان ئاققۇنلار مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى.

خىتايغا ئىش بار، ئۇيغۇرغا يوك

ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىر دەرىجىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياش قىز - چوكانلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت ‏- كارخانىلارغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ يولغا سېلىۋاتقان بىر پەيتتە "2007 ‏- يىللىق باھار شامىلى" ھەرىكىتى ئاستىدا 370 دىن ئارتۇق ئىدارىنىڭ، 137 خىل خىزمەت ۋە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشلەمچىلەرگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات خادىملىرىنىڭ تەنقىدىگە يول ئاچتى.

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ، ئىشژلىق ھەمدە نامراتلىق سەۋەبىدىن بىر قىسىم دېھقانلار ئامالسىز ، ئۆزلىرىنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپ پۇل تېپىشقا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان بولسا ، يەنە بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن يەرلىك يېزا باشلىقلىرىنىڭ قېيىن - قىستاقلىرى ئاستىدا قىزلىرىنى خىتايغا يولغا سېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مەزكۈر مەسىلە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئەلۋەتتە ئاخىرى بىر كۈنى خەلىقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا ھاكىم بولۇشىنى، مىللىتىنىڭ خورلۇق ۋە زۇلۇملىرىغا كۆز يۇمۇش جىنايىتىنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى ھېسابى سورۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قىزىمنى ھەرگىز ئەۋەتمەيمەن!

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دېھقان، مەيلى قانداق كۈنگە قېلىشتىن قەتئىي نەزەر، ئۆز قىزىنى ھەرگىز خىتاي ئۆلكىسىگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، چوقۇم قىزىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە قالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دېھقانلار، يەنىلا قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەش ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش قەدىمى تېزلىشىپ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.