ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ


2007.08.23

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىن 1000 غا يېقىن كىشىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغان نامزاتلار، ئالدى بىلەن چوقۇم يازما ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن ۋە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ چوقۇم نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدىكەن.

ئىمتىھان ۋە ھەر خىل تاللاش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20 ناھىيىسىدىكى يېزا ۋە كەنت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 3 يىلدىن كېيىن، ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۆتكىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭدىن كېيىن نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى كەڭ يولغا قويۇپ، چەت يېزا رايونلىرىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى جار سېلىپ كېلىۋاتقان " قوش تىللىق " مائارىپ سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىش شەرتى بويىچە تاللىنىدىغانلىقىنى، بۇنداق شارائىتتا خىتاي تىل سەۋىيىسىنىڭ ئالدىنقى شەرت قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياكى خىتايلارنىڭ تاللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇندىن بېرى، خىتاي تىلى سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئىشقا قوبۇل قىلىنماي كەلمەكتە. ( ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.