ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئازايدى، لېكىن يەرلىك ئىلتىماسچىلار كۆپەيدى
2007.11.30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2008 - يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى يېقىنقى 7 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك مىللەتلەردە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە 12480 نەپەر ئادەم ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، خەۋەرلەردە بۇنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 133 ئادەم ئازايغانلىقىنى، لېكىن يەرلىك مىللەتلەردە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىدا كۆپىيىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
"تەڭرىتاغ تورى" دا 2008 - يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا ئىلتىماس قىلغۇچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سانىنى 3243 نەپەر، دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇ سان ئومۇمى ساننىڭ%26 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتايلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ%42 نى ئىگىلىشىگە قارىماي، ئاسپېرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلارنىڭ تەخمىنەن % 75 نى شۇلار ئىگىلىمەكتە. " تەڭرىتاغ تورى" نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا يەرلىك مىللەتلەردىن 317 ئادەم كۆپ تىزىملاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئېشىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇسى ۋە تىبەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ دېگىلى بولمايدۇ.
تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 2008 - يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1965 نەپەر بولۇپ، بۇ سان ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىملانغان يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ يىل تىبەتلىكلەرنىڭ ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقىدىن %87 ئاشقان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاسپېرانتلارنىڭ كۆپىيەلمەسلىكىگە ئوقۇش پۈتتۈرسە خىزمەت تېپىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىسلام دىنى مەكتىپى پارتىيە مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇلماقتا
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ