خىتاي مائارىپ دائىرىلىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كەسپى قىلىپ بېكىتى

ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ خەلقئارالىق ئابرويىنىڭ ئېشىشى،بولۇپمۇ ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات تەرىپىدىن "ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 12 مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىنى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلەپ بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.04

 يېقىندا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى قارمىقىدا تولۇق مەخسۇس كەسىپ سۈپىتىدە بېكىتىلىپ، 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنماقتا. شىنخۇئانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇقام ۋە مەشرەپ تەتقىقات تولۇق مەخسۇس كەسپىنىڭ نىشانى مۇقامچىلارنى ھەم مۇقام تەتقىقاتچىلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش، نوتىغا ئېلىش ھەم يېڭى ئەۋلاد مۇقامچىلارنى تەربىيىلەش خىزمەتلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا باشلانغان بولۇپ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە، ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر جۇمھۇرىيەت تىياتىرى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ئورۇندايدىغان روزا تەمبۇر قاتارلىق مەشھۇر سازەندىلەرنىڭ باشچىلىقىدا ياش ئەۋلاد خەلق مۇزىكانتلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئىدى.

50 - يىللاردا كەلگەندە سابىق مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۈچ چىقىرىشى بىلەن قەشقەردە مەشھۇر مۇقام پېشۋاسى تۇرداخۇننىڭ ئورۇندىشى بىلەن 12 مۇقام تولۇق نوتىغا ئېلىنىپ ساقلىنىپ قېلىندى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن 12 مۇقام ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېڭىيىش ۋە تەرەققى قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.