ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرود براۋن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى


2008.03.19

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى شرود براۋن، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كاندىلىزا رايسقا بىر خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

شىرود برۋان خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ "رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئۆتكەن يىل ئىيۇل ئېيىدا پرېزىدېنت بۇشمۇ قوبۇل قىلغان" دەپ ئەسكەرتكەن.

خېتىدە، تىبەتتىكى ۋەقەلەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا بەش ئايدىن ئاز بىر ۋاقىت قالغان مەزگىلدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ تەكىتلىگەن شرود برۋان "مەن سىزدىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خورلاش سىياسىتىنى توختىتىشى شۇنىڭدەك رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشڭىزنى سورايمەن" دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كاندىلىزا رايسقا يازغان خېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن شرود براۋن، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي كىملىكىنى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەقسەتلىك بىر سىياسەت" دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.