0:00 / 0:00
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مەدەنيەت، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا، پارىژدا "مەدەنيەت بايلىقلىرىمىزنى قوغدايلى " دېگەن تېمىدا سەنئەت مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغان.
خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ سەنئەت مۇراسىمىدا ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى كۆرسىتىلىپ، مۇراسىمغا قاتناشقان باشقا سەنئەت نومۇرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچىلىكى ھەم ئاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان شۇنىڭدەك تاماشابىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ياۋرۇپادا مىللەتلەر مۇزىكا تەتقىقاتى ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش مۇزىكا تەتقىقاتچىسى لەيلا خانىم ، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارىجدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. (ئەقىدە)