داۋۇت راۋاب ۋاپات بولدى
2007.11.18
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مىللىي مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەردىن بىرى، بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر ۋازى راۋاب بىلەن خەلق ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، راۋاب چېلىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن خەلق تەرىپىدىن " داۋۇت راۋاب" دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان داۋۇت ئاۋۇت ئەپەندى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى ھەمدە 18-نويابىر كۈنى مەرھۇمنىڭ نامىزى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى دەپ ئاتالغان مەسچىتدە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن دەپنە قىلىنغان.
راۋاب چېلىش ماھارىتى كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ سازەندىلەر ئارىسىدا زور شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ھەمدە راۋاب شاھى ۋە راۋاب چېلىش ئۇستىسى دەپ تەرىپلەنگەن داۋۇت ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا كۆپلىگەن شاگىرتلار يېتىشىپ چىققاندىن سىرت ئۇ " تاشۋاي"، "مېنىڭ راۋابىم" قاتارلىق نەچچە ئونلىغان خەلق مۇزىكىلىرىنى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا كامالەتكە يەتكۈزۈپ، ئورۇنداپ ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى مەرھۇم داۋۇت ئاۋۇتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇزىكا سەنئەت تارىخىدا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان تۇرداخۇن، غىياسىددىن بارات، ئىسكەندەر سەيپۇللا، نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن قاتارلىق نەچچە ئونلىغان نامايەندىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كالىفورنىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئىرلاندىيىدە ئويۇن قويدى
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)
- دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن" دۇنيا ئاۋازلىرى " فېستىۋالىغا قاتناشتى
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىژدا
- مەكىت خەلق ئارتىستلىرى دولان خەلق ناخشىلىرىنى ئەنگلىيىدە ئورۇنلىماقچى