خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە


2007.11.19

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، تارىم نېفىتلىك شىركىتى بۇ يىل نويابىر غىچە، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش مىقدارىنى بۇلتۇرقىدىن ئاشۇرغان.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى بۇ يىل 31- ئۆكتەبىرگىچە ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز 13 مىليارد 200 مىليون كۇپ مېتىرغا ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسى ئارقىلىق يۆتكىگەن تەبىئىي گاز 11 مىليارد 200 مىليون كوپ مېتىرغا يەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، مەزكۇر نېفىت شىركىتىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 45 مىليون كۇپ مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 15مىليارد 700 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ خىتاي بۇيىچە ئالدىن ئورۇنغا ئۆتىدىكەن.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى شەرققە يۆتكەش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتىش ئۈچۈن 2004- يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى غەربىي شىمالدا يەنە ئىككىنچى چوڭ نېفىت گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ياساش ئۈچۈن 102 مىليارد يۈەن يەنى 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. بۇ 8 مىڭ كىلومېتىرلىق نېفىت، تەبىئىي گاز يۆتكەش تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىپ 2010 ‏- يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.