"غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
2007.11.26
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى پىلانلانغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ بوخەي دېڭىز قولتۇقىدىكى رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىكەن.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش لىنىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلى ۋە رۇسىيىدىكى تەبىئىي گازلار خىتاينىڭ شەرقى قىسىمدىكى رايونلارغا يۆتكىلىدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى شەرققە يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2004- يىلى تۇنجى قېتىملىق "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، غەربىي شىمالدا يەنە 8 مىڭ كىلومېتىرلىق ئىككىنچى چوڭ نېفىت ، گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا 102 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ تەبىئىي گاز يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى 2010 - يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكچى ئىدى.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت پىلانلانغان "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى" ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان 3- تۇرۇبا لىنىيىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- خىتاي تارىم ئويمانلىقىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىككىنچى تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشىنى بەلگىلىدى
- خىتاي پىچاندا خام نېفىت ئامبىرى ياسىماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئي گاز زاپىسى يەنە كۆپەيدى
- قارامايدىن زاپاس مىقتارى زور كۆلەملىك تەبئىي گاز بايقالدى