تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
2007.12.21
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز مىقدارى 15.5 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 40 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
تارىم نېفىتلىكى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، 2006- يىلى 11 مىليارد كۇب مېتىر گاز ئىشلەپ چىقارغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ 19- دېكابىرغىچە 12 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇپ كەتكەن بولۇپ، نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" بۇ يىل ئاخىرغىچە خىتايغا جەمئىي 13.7 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بۇلتۇرقىدىن 9.8 مىليارد كۇب مېتىر ئاشۇرىدىكەن.
تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى بەيخې يېزىسىغا تۇتىشىدىغان 4200 كىلو مېتىرلىق بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى ئەسلىدە يىلىغا 12 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى توشۇغان گاز بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.
ئاشكارىلىنىشىچە، 560 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كەڭلىكتىكى تارىم ئويمانلىقىدا 526 مىليون توننا نېفىت زاپىسى ۋە 724 مىليارد كوب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقى ئىسپاتلانغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى