پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى: شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ نەپرىتىگە پىلتە ياقتى

ئەنگىلىيە "پۇل - مۇئامىلە ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جۈمە كۈنى كورلىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەي، ئۇلارنىڭ غەزەپ نەپرىتىگە پىلتە ياققانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.29

 خەۋەردە 2000 - يىلدىن 2007 - يىلغا قەدەر تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىلغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ 20 ھەسسە ئاشقانلىقى، لېكىن نېفىت ۋە تەبىئىي گازدىن كىرگەن كىرىمنىڭ شەرقتىكى رايونلارغا يوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى رايوندىكى نېفىت - خىمىيە ئىگىلىكىدىن كىرگەن ئومۇمى باج كىرىمى 14مىليارد 800 مىليون يۈەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئاران 240 مىليون يۈەن تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەردە كورلىدىكى بىر يەرلىك كادىرنىڭ بۇ جايدىكى نېفىت شىركەتلەر توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كادىر" بىزنىڭ ئۇلارغا گېپىمىزنى ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇقىمىز يەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت بېيجىڭدىكى خوجايىنلىرىنىڭلا گېپىنى ئاڭلايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە كورلىدىكى بەزى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا يەر بېرىلگەن. ئاتا ئانىسى 1950 ‏ - يىللاردا خۇنەندىن كورلىدىكى بومبا زاۋۇتىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن شيې پەمىلىلىك بىر دۇكاندار مۇنداق دەيدۇ: "نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ جاينى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ، لېكىن ھازىر ئۇلار بۇ جايدا يات ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى ... شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى ئاچچىقى بار. ئۇلار كۈندىن كۈنگە ئاۋارىگەرچىلىك تۇغدۇرماقتا."

خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نېفىت ساھەسىدىن پۈتۈنلەي يەكلەنگەنلىكى، نېفىتلىكتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن سىرت، باشقۇرۇش ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئورۇن يوقلىقىنى ئەسكەرتتى. خەۋەردە پېنسىيىگە چىققان ما پەمىلىلىك بىر خىزمەتچىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازىدۇ": نېفىت شىركىتىنىڭ بۇرغۇسىدا ئىشلەيدىغان 2 ئۇيغۇر ئىشچى بار ئىدى، لېكىن ئۇلار باشقا يەرگە يۆتكىۋېتىلدى. چۈنكى باشلىقلار مۇسۇلمانلارنى بۆلگۈنچى ياكى تېررورىست، دەپ ئويلايدۇ."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.