ئۇيغۇر بوكسيور مۇھەممەد تۇرسۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى


2008.02.03

2-ئاينىڭ 1-كۈنى بانكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاسىيا بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان بوكس مۇسابىقىسىدا مۇھەممەد تۇرسۇن غەلىبە قىلىپ، ئولىمپىككە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇ، 64 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، ئۇ، قىرغىزىستانلىق رەقىبىنى يېڭىپ، مەزكۇر سالاھىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى، ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر يىگىتى نىجات ۋە قازاق يىگىتى قاناتمۇ غەلىبە قازىنىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. مەمەت تۇرسۇن 2006-يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ياش ماھىرلار مۇسابىقىسىدا چېمپىيون بولغان ئىدى.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىن نىجات، مۇھەممەد تۇرسۇن ۋە قاناتتىن ئىبارەت ئۈچ كىشى بوكس بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي 10 كىشىلىك بوكس كوماندىسىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ. بۇ خىتاي بوكس تارىخىدىكى تۇنجى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سىدني ۋە ئافىنادىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئابدۇراخمان بىلەن قانات ئايرىم-ئايرىم قاتناشقان ئىدى.

بوكس خىتاي ئۈچۈن يېڭى تەنھەرىكەت تۈرى. بۇ تۈردە ئابدۇشۈكۈر تۇنجى قېتىم خىتاي چېمپىيونى بولغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇر ماھىرلىرى داۋاملىق چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كەلمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىنمۇ بىر قانچە نەپەر دۇنيا ۋە ياۋروپا بوكس چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن ساپاسىغا ئۇيغۇن كېلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بوكس ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.