ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن


2007.05.31

2007 - يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئۇيغۇر ئېلىدىن 84 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەمما بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، بۇ سان تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى 2006 - يىلدىكىگە قارىغاندا 11 مىڭ 586 ئادەم كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى 8.13 پىرسەنت بولغان. ئۈرۈمچىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئارتۇق بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 84مىڭ 23 ئادەم بولۇپ بۇلتۇرقىدىن 5مىڭ 675 ئادەم كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەسلىدىكى پىلاندىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

ھالبۇكى، خىتاي مائارىپ تارماقلىرى بۇ ساننىڭ قانچىلىك نىسبىتىنى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، يەنە قانچىلىك قىسمىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان.

ئەمما، نام ‏- شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر مائارىپچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ساننىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىگىلەيدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.