تۈركىيىدە بىر ئۇيغۇر نامايىشچى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، بىر ئۇيغۇر نامايىشچى ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر تۈركئوغلى ئىسىملىك نامايىشچى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش جەريانىدا ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ، ئوت قويۇۋەتكەن. ئەتراپتىكىلەر ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن نامايىشچىنىڭ باش، بويۇن ۋە قوللىرىنىڭ يارىلىنىشىنى توساپ قالالمىغان.

نۆۋەتتە يارىدارغا ئەنقەرەدىكى بىر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. دوختۇرلار مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، لېكىن ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەندە " شەرقىي تۈركىستان ياشىسۇن " دەپ ۋارقىرىدى.

بۇ ۋەقە جۈمە كۈنى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەركەزلەشكەن، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقى بېيجىڭدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى.

ئەنقەرەدىكى نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن نامايىشچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "ئولىمپىك روھىغا سىغمايدىغان" تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىغا قارشى ئۆز نارازىلىقىنى " بۇ ئۇسۇللار" بىلەن ئىپادىلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت