پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە

ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى پاكىستاندا ياشاپ ۋە پاكىستانغا يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر پاكىستان ساقچى دائىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.03

 مەلۇم بولۇشىچە، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى نام ‏ - شەرىپىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر پاكىستان پۇقراسى بولۇپ ئۇلار ئەسلىدە پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە تىرىكچىلىك قىلىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلار ئەسلى 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئىلىدىن پاكىستانغا چىقىپ، پاكىستان ئارقىلىق ھەج تاۋاپ قىلىشقا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ سەپەر قىلىش ئارزۇسىدىكى 900 نەپەرچە ئۇيغۇرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ ھەج سەپىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى ھەمدە شۇنداق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشلەر ئىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە ، پاكىستان پۇقراسى بولمىش بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر يەنە، بۇ يىل 16 - ئاپرىل بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلى پاكىستانغا يېتىپ كەلگەندە ھەمدە مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جەرياندا پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە سولاپ قويۇلغان ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.