خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەتىجىسىنى كۆرسەتمەكتە
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2007 -يىلى " ئاز تۇغۇپ، تېز باي بولۇش" قۇرۇلۇشى بۇيىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر يىلى بولغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 65 مىڭ ئادەم ئاز تۇغۇلغان.
" ئاز تۇغۇپ، تېز باي بولۇش " قۇرۇلۇشىنىڭ پرىنسىپى بۇيىچە 3 پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلغان بولۇپ، ئۆز خاھىشى بۇيىچە 3 - پەرزەنتتىن ۋاز كەچكەن ئائىلىلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇكاپاتلاش شۇنىڭدەك بۇ خىل ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن نومۇر قوشۇپ بېرىشكە ئوخشاش مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ ئاز پەرزەنت كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش چارىلىرى يولغا قويۇلماقتا ئىكەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2007 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن ئائىلە 1 مىليون 8 مىڭ 500 دىن ئاشقان. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجرا قىلىنىشى،چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، " پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى" خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ تېخىمۇ ئاز سانلىق ھالىتىگە چۈشۈرۈش، ئۇلارنى تىل - مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتە ئاجىزلاشتۇرۇپ يوق قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قەشقەردە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنى، خوتەندە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى
- خىتايدا بايلار ۋە ئەمەلدارلار پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرمەكتە
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتمەكتە
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجراتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن 27 مىليون يۇەن پۇل ئاجراتقان
- ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەم ئوبلاستتا نوپۇسنى داۋاملىق كونتورل قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە قۇرئاندىن پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئىلى ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى رايون
- خىتاي بايىنغۇلىندا پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى