ئۇيغۇر پۇتبولچىلار غالىپ چىقتى


2007.07.01

ئۇيغۇر ئېلىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ھەرىكىتى جانلانماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە شەخسلەرنىڭ پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى -سىرتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 30-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدىكى تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ لاتارىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز پۇتبول كوماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى ئىككىگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى يەڭگەن. مۇسابىقە جەريانىدا كاپىتان پەرھات قاتارلىق ئەزىمەتلەر ئالاھىدە ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، رەقىب كوماندا ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

مۇسابىقىنى كۆرۈشكە بىر قانچە مىڭ توپ مەستانىسى كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى ئىگىلىگەن ، ئۇلار شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەن. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مەزكۇر غەلىبە بىلەن شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى خىتايدىكى "ب " دەرىجىلىك كوماندىلارنىڭ ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىمالىي رايونلار بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلىگەن مەشھۇر تەنھەرىكەت ماھىرلىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئايال ۋالىبولچىلاردىن زۆھرە، ئەر ۋالىبولچىلاردىن مالىك ھەمدە 90-يىللاردا داڭ چىقارغان ۋاسكېتبول ماھىرى ئادىلجان قاتارلىقلار خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توپچىلار بولۇپ ھېسابلانغان ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە چېلىش، بوكس تۈرلىرى بويىچىمۇ ئۇيغۇر ماھىرلىرى چېمپىيون ئاتالغان ئىدى.

ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقان پۇتبولچىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا قەشقەردىكى شۋېتسىيە، ئەنگىلىيە كونسۇلخانا پۇتبولچىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۇتۇۋالغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۈچلۈك مەنىۋى ئىلھام بولغانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.