"ئۇيغۇر قىزلىرى تازىلىققا دېققەت قىلمايتتى" دەپ ئەيىپلەنگەن
2007.04.17
قەشقەر ھۆكۈمەت تور بېتىدە يەكشەنبە كۈنى، 15-ئاپرىل، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم كادىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى ھەققىدە، " ئۇيغۇر قىزلىرى تازىلىققا دېققەت قىلمايتتى، يۇيۇنۇشقا قېيىق ئىدى، ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندىن كېيىن ناچار تۇرمۇش ھەم تازىلىق ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ مەدەنىيەت ئۆگەندى" دېگەندەك ھاقارەتلىك بايانلىرى ئېلان قىلىندى.
بۇ مىللىي كەمسىتىش ھەمدە ھاقارەت تۆسىنى ئالغان سۆز ئىبارىلەر ، ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق ئىنكاسىنى قوزغىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ئەپەندى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولدى. (گۈلچېھرە)